رۇسىيەدە يەكشەنبە كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە خەلقى 18 – سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى پارلامېنتنىڭ تۆۋەن قانىتى دۇما پارلامېنت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.
571191
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قېتىملىق دۇما پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىغا 14 سىياسىي پارتىيە ئىشتىراك قىلىپ ئۆزئارا رىقابەتلىشىدۇ.
رۇسىيە خەلقى دۆلەت مىقياسىدا قويۇلغان سايلام ساندۇقلىرىغا ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان نامزاتلارغا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق 6 يىل بويىچە ئۆزلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 450 پارلامېنت ئەزاسىنى سايلاپ چىقىدۇ.