ئامېرىكىدا 11 - سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 15 – يىلى خاتىرىلەنمەكتە

2001 – يىلى 11 – سىنتەبىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 4 يولۇچى ئايروپىلانى ئېلىپ قېچىلغان بولۇپ، ئايروپىلانلاردىن ئىككىسى قوشكېزەك بىناغا سوقۇلغان، قالغان ئىككىسى «F-16» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.

569263
ئامېرىكىدا 11 - سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 15 – يىلى خاتىرىلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن بىرسى بولۇپ تارىخقا ئۆتكەن 11 - سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 15 – يىلى، بۈگۈن نىيۇ يورك قاتارلىق بىر قانچلىغان شەھەرلەردە ئالاھىدە مۇراسىملار بىلەن خاتىرىلىنىدۇ.

تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەل قائىدەنىڭ 2001 – يىلى 11 – سىنتەبىردە نىيۇ يوركتىكى دۇنيا سودا مەركىزى (قوشكىزەك بىنالار)غا ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پانتاگونغا قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا قۇربان بولغانلار ئۈچۈن خاتىرىلەش مۇراسىملىرى ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئامېرىكىدا مۇراسىملار ئۈچۈن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11 – سىنتەبىردىن ئىلگىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارىتا ئاگاھلاندۈردى.

نىيۇ يوركتىكى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان خاتىرىلەش مۇراسىمى، تۈنجى ئايروپىلاننىڭ قوزكىزەك بىناغا سوقۇلغان ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 08:46 ئۆتكەندە باشلىنىدۇ. نىيۇ يورك ساقچى تەشكىلاتى مۇراسىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغدا، 11- سىنتەبىر خاتىرىلەش مەيدانىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان كوچىلارنى قاتناشتىن توختىتىدۇ. نىيۇ يورك ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتىدىمۇ ئايرىم مۇراسىم ئۆتكۈزىلىدۇ.

بۇ ئارىلىقتا 11 – سىنتەبىر ھۇجۇملىرى ئەسناسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن نىيۇ يورك ساقچى تەشكىلاتى ۋە نىيۇ يورك ئوت ئۆچۈرۈش تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ شەرىپىگە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پانتاگوندىن نىيۇ يوركقا تەخمىنەن 400 كېلومېتىرلىق يۈگرەش پائالىيىتى باشلاندى. جۈمە كۈنى پانتاگون ئورۇن ئالغان ۋىرگىنا ئىشتاتىدىن باشلانغان يۈگرەش پائالىيىتى، يەكشەنبە كۈنى نىيو يوركتا مۇراسىم مەيدانىغا يېتىپ كېلىش بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ.

2001 – يىلى 11 – سىنتەبىردىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 4 يولۇچى ئايروپىلانى ئېلىپ قېچىلغان بولۇپ، ئايروپىلانلاردىن ئىككىسى قوشكېزەك بىناغا سوقۇلغان، ئۈچىنچى ئايروپىلان ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پانتاگون بىناسىغا سوقۇلماقچى بولغاندا، تۆتىنچى ئايروپىلان، پېنسىلۋانياغا يېقىن  جايدا «F-16» ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئىدى.

قوشكېزەك بىنادا 2606 كىشى، پەنتاگوندا 125 كىشى، گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان ئايروپىلاندا بولسا، 246 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ 19 تېررورچىنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 2999 كىشى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تاشلىغان 11 – سىنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەسىدىن كېيىن سابىق پىرېزىدېنت گېئورگى دابلىيو بۇش ئافغانىستان ۋە ئىراققا بېسىپ كېرىش قارارى ئالغان ھەمدە ئاقساراينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇشخۇمار سىياسىتى قاتتىق نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان ئىدى.

بۇشنىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» سەپەرۋەرلىكى دائىرىسدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئورگىنى دۆلەت مىقياسىدا قانۇنسىز مەخپىي تىڭشاشلارنى باشلىغان ئىدى.

«مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى»غا ۋە ئىسلامدىن نەپرەتلىنىش ئېقىمىغا ئاساس ھازىرلىغان 11 – سىنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان نەپرەت جىنايەتلىرىنىڭ سانىنىڭ ئىنتايىن ئېشىپ كېتىشىگە يول ئاچقان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر