ئەسەد قىسىملىرى تۈركمەن تېغىغا ھۇجۇم قىلماقتا

ئىككى كۈن ئىلگىرىكى تۇقۇنۇشتا ئەسەد قىسىملىرى، جەبەل ئەكراددىكى ئايىن كانتارا ۋە ناھىشبا يېزىلىرى بىلەن رېشا چوقۇسىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.

569431
ئەسەد قىسىملىرى تۈركمەن تېغىغا ھۇجۇم قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئەسەد ھۆكۈمىتىگە تەۋە قىسىملار رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ يارىدىمى بىلەن لازىقىيە يېزا - قىشلاقلىرىدىكى جەبەل ئەكرادقا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى.

يەرلىك مەنبەلەر ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرى ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى كىببانى يېزىسى ۋە ئەتراپىنى بوبماردىمان قىلغانلىقىنى، ئارقىدىنلا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قۇرۇغلۇقتىن ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى، قوزغىلاڭچىلارنىڭمۇ ئۇلارغا تاقابىل تۇرىشى نەتىجىسىدە  شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرى يەنە، رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بويۇملىرى يېتىپ كېلىدىغان يولنى كېسىپ تاشلاش ئۈچۈن ئىدلىب ئەتراپى ۋە تۈركمەن تېغىدىكى بىر قانچىلىغان يېزىنى ئۈلۈكسىز توپقا تۇتماقتا.

ئىككى كۈن ئىلگىرىكى تۇقۇنۇشتا ئەسەد قىسىملىرى، جەبەل ئەكراددىكى ئايىن كانتارا ۋە ناھىشبا يېزىلىرى بىلەن رېشا چوقۇسىنىڭ كونتروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر