ئىراق ئارمىيەسى: دائېش كاتتىباشلىرى بولۇپ 100 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى
ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەر قىسىمى باياناتچىسى ياھيا رەسۇل دائېش كاتتىباشلىرى بولۇپ 100 مىىلتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ئارمىيەسى ئەنباردا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بازىلىرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 100دىن ئارتۇق تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەر قىسىمى باياناتچىسى ياھيا رەسۇل، ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،F-16 تىپلىق ئايروپىلانلار بىلەن ئەنباردا دائېش بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بومباردىماندا دائېش كاتتىباشلىرى بولۇپ 100دىن ئارتۇق تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
رەسۇل دائېشنىڭ ئەنباردا تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىش تەييارلىقىدا تۇرۇۋاتقانلىقلىرى سەۋەبىدىن ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلدى.
بۇنىڭدىن تاشقىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھۇجۇملاردا ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە تەشكىلاتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق «فىرات مۇئاۋىن ۋالىيسى»، «بۇككا لاگېرى»دا قامالغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار، سۈرىيەدىكى ئەرەب ئادەم بومبا ھۇجۇمچىلىرىنىڭ مەسئۇلى، ئەنبار ۋىلايىتىنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى مەسئۇلى، جەزىرە ئەل-ھالىدىيەنىڭ ھەربىي ئىشلىرى مەسئۇلى، مىلىتانلارنىڭ قاتناش ئىشلىرى مەسئۇلى ۋە «غەنىمەت ئىشلىرى مەسئۇلى»قاتارلىقلارنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.