مىسىردا پويىز قازاسى يۈز بەردى
مىسىرنىڭ جىزە شەھىرىدە بىر يولۇچىلار پويىزىنىڭ 3 ۋاگونى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 5 ئادەم ئۆلدى، 27 ئادەم يارىلاندى.
567547
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاھىرە – سەئىد سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان يولۇچىلار پويىزىنىڭ ئىيات رايونىدىكى رېلىس ئالماشتۇرۇشى ئەسناسىدا سۈرئىتى بەكلا يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى 3 ۋاگونى رېلىستىن چىقىپ كېتىپ ئۆرۈلدى.
ئىيات رايونى مىسىردىكى ئەڭ كۆپ پويىز قازالىرى يۈز بېرىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ؛ 2002- يىلى مەزكۇر جايدا بىر پويىزدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 350 يولۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. يەنە شۇ جايدا 2009 – يىلى ئىككى يولۇچىلار پويىزى سوقۇشۇپ كېتىپ، 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 60 ئادەم يارىلانغانىدى.