يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا يەنە ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

يەمەننىڭ تايىز قاتارلىق شەھەرلىرىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئونلارچە ئادەم ئۆلدى.

565970
يەمەندىكى توقۇنۇشلاردا يەنە ئونلارچە ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ تايىز ۋە مارىب شەھەرلىرىدە مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردا 11 ئادەم ئۆلدى، 26 ئادەم يارىلاندى.

ھۆكۈمەت تەرەپدارى بولغان خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىئە ھۇسىيلار تايىزغا قاراشلىق خان تېغى رايونىنى تارتىۋېلىش غەرىزىدە ھۇجۇم قوزغاپ، 1 ئەسكەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، ئەد-داباب رايونىدىمۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 9 نەپەر شىئە ھۇسىي ئۆلگەن.

شىئە ھۇسىيلار شەھەر مەركىزىدىكى ئولتۇراق رايونلارغا راكېتامىيوت ۋە توپ ئوقلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ 1 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 6 ئادەمنى يارىلاندۇرغان.

مارىبتىكى مەملىكەتلىك خەلق ئارمىيەسى قىسىملىرى تۇرىدىغان رايوندا يول بويىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر بومبىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 20 ئەسكەر يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى.


خەتكۈچ: #يەمەن , #شىئە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر