كابۇلدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى خەلقئارا ئىنسانپەرۋەر ياردەم ۋەقپىنىڭ ئىشخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر ئادەم ئۆلدى، 6 ئادەم يارىلاندى.

566329
كابۇلدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 10 سائەت داۋاملاشقان قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىشخانىدىكى 31 كىشى قۇتقۇزۇۋېلىندى، ھۇجۇمچىلار ئۇجۇقتۇرۇلدى. ۋەقە يۈز بەرگەن رايوننىڭ كىرىش – چىقىش ئېغىزلىرى تاقىۋېتىلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچقانداق تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى.

ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىناسىغا يېقىن بىر جايدا تۈنۈگۈن مەيدانغا كەلگەن ئىككى ئايرىم ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 41 كە يەتتى. ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بىر گېنېرالمۇ بار. جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالغان مەزكۇر ھۇجۇمدا 103 ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بىرى قىسىم يارىدارلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئىكەنلىكىنى، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر