ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

564447
ئەردوغان شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق خىتاي كەسپدىشى بىلەن سىجىل ئېنېرگىيە، كۆمۈر ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن غازىئانتەپ ياڭىقىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى خىتاي كەسپدىشى بىلەن بىرلىكتە ئىمزالىدى.

ئەردوغان بىلەن شى جىنپىڭ تۈركىيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم ۋە كېلىشىم لايىھەلىرىنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلدى.

ئاندىن ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمون بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ ئۇچرىشىشى ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 16.15 دە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن خاڭجۇغا يېتىپ بارغان ۋە 20 – گ گۇرۇھى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت بشلىقلىرى بىلەنمۇ ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشىدۇ.

خىتاي زىيارىتىدە ئەردوغانغا مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك، ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى ھاقان فىدان قاتارلىقلار ھەمراھ بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر