ئوباما:تۈركىيە مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

564237
ئوباما:تۈركىيە مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:ئامېرىكا پىرېزىدېنتى باراك ئوباما: «ئەنقەرە بىلەن خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرىدە ھېچقانداق ئازىيىش يوق» دېدى.

پىرېزىدېنت باراك ئوباما يەكشەنبە كۈنى (4-سېنتەبىر) ئۆتكۈزۈلىدىغان G20 ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا مېڭىشتىن بۇرۇن «CNN International» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشى ئۈستىدە توختالدى. ئۇ ھازىر قايتىدىن تەشكىللىنىشكە مەجبۇر قالغان تۈركىيەنىڭ بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى ۋە بۇ مۇساپىدە تۈركىيە خەلقىگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدە ھېچقانداق ئازىيىشنىڭ بولمىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك بولغان ناتو ئەزالىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 4-سېنتەبىر باراك ئوباما بىلەن كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر