ياۋروپا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى ئېلمار بروك فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

562411
ياۋروپا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى تۈنۈگۈن (30-ئاۋغۇست) بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا توپلاندى ۋە كومىتېت باشلىقى بروك بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتچىسى كاتى پىرىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەدە قىلغان زىيارىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

كومىتېت باشلىقى بروك مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە زىيارىتىمدىن كېيىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى قاراشلىرىم ئۆزگەردى. ئارمىيە ئىچىدىكى ۋەقەگە چېتىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىسېرلارنىڭ سانى بىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ ئىكەن. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى سىستېمىلىق ھالدا مائارىپتىن باشلاپ، ياشلارنى نىشان قىلىپ، تەسىرى كۈچلۈك ھەرىكەتنى باشلاپتۇ.»

ئۇ بۇ مەسىلىدە سەزگۈر بولۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەن كېچە پارلامېنت بومباردىمان قىلىندى. ئېتىلغان بومبىلارنىڭ بەزىلىرى پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدىن پەقەت بىر قانچە مېتىر يىراقلىققا چۈشۈپتۇ. ئەگەر ئەنگلىيە ياكى فىرانسىيە پارلامېنتى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغان بولسا قانداق ھېس قىلاتتۇق؟ مەسىلىگە بۇ نۇقتىدىن قارىشىمىز كېرەك. ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ قولىدىكى F-16 لار، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىشكە ئۇرۇندى. ئۇ دۆلەت ئىچىدىكى <پاراللېل دۆلەت> ھەرىكىتىدۇر.»

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تۈركىيە دوكلاتچىسى كاتى پىرىمۇ سۆز قىلدى. ئۇ ياۋروپانىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيە خەلقىنىڭ قەلبىدە پەيدا قىلغان جاراھەتنى ئاددىي چاغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ تۈركىيە زىيارىتىدە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن باشقا، ئۆكتىچى پارتىيە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ژۇرنالىستلار بىلەنمۇ كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ: «ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش پىلان قىلىنغىنىدەك ئەتىگەن سائەت 3:00 تە باشلانغان بولسا، پۈتۈنلەي باشقا نەتىجىنى كۆرگەن بولاتتۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر