پ ي د نىڭ ئىلگىرىلىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك

ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى ئېلمار بروك تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د نىڭ ئىلگىرىلىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

562450
پ ي د نىڭ ئىلگىرىلىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى ئېلمار بروك تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د نىڭ ئىلگىرىلىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ: «پ ي د فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدە قېلىشى لازىم. پ ي د دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەردىن پەيدا بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كونتروللۇقىدىكى زېمىنلارنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما، رايوندا ياشايدىغان ئەرەبلەر ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىنى خالىمايدۇ. تۈركلەر فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىدە يالغۇز ئەمەس، بەلكى رايوندا ياشايدىغان خەلق بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلماقتا» دېدى.

ئۇ ۋىزا توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ تۈركىيە پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېلىشىمى ئۆكتەبىرگىچە ئەمەلگە ئاشمىسا، قايتا قوبۇل قىلىش كېلىشىمىنىڭ ئەمەلدىن قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەن تۈركىيەنىڭ ھەرگىزمۇ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسىنى بايقىمىدىم. مېنىڭچە، گەپ-سۆزلىرىمىزدىن يېنىشىمىز لازىم. ئەگەر تېخىمۇ يۇمشاق سۆزلەرنى قىلساق ۋە مەنپەئەتلىرىمىزنى نەزەرگە ئالساق، تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋەزىيەت پەيدا بولىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر