دائېش باياناتچىسى ئۆلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ باياناتچىسى ئەبۇ مۇھەممەد ئەلئەدنانى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلدى.

562227
دائېش باياناتچىسى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى دائېشقا يېقىنلىقى بىلەن بىلىنىدىغان ئاماق ئاگېنتلىقى ئېلان قىلدى.

ئاگېنتلىق تېرورىستنىڭ «ئارمىيەنى چېكىندۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ھەلەبكە كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەلئەدنانىنى نىشان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى، ئەمما ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئەسلى ئىسمى سۇبھى فەللاھە بولغان ۋە ئىدلىبتە تۇغۇلغان 39 ياشلىق ئەلئەدنانى دائېش رەھبىرى ئەبۇبەكىر ئەلباغدادىغا يېقىنلىقى بىلەن بىلىنەتتى.

ئەلئەدنانى ماي ئېيىدا مۇسۇلمانلارنى غەربتە ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان بىر ئاۋاز لىنتىسىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2015 – يىلى 5 – ماي كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى مۇھىم رەھبەرلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان ئەدنانىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 5 مىليون دوللار مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى.

سۈرىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى ھەلەب بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3 يېرىم يىل ئىلگىرى ئۆكتىچىلەر بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىككىگە ئايرىلىپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر