ياۋروپا ئىتتىپاقى: فەتھۇللاھچىلارنىڭ سوتلىنىشىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز

ياۋروپا ئىتتىپاقى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى سوتلاشتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

560373
ياۋروپا ئىتتىپاقى: فەتھۇللاھچىلارنىڭ سوتلىنىشىدا ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييارمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى باش كاتىپى توبىيون ياگلان 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان  فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى سوتلاشتا تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ياگلان گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹ Die Welt› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنى سوتلاش مەسىلىسىدە تتەۋسىيەدە بولۇش ئۈچۈن، ياۋروپا كېڭىشى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تۈركىيە   دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتلىرىنىڭ، گۇماندارلارغا مۇئامىلە قىلىنىش مەسىلىسىدە، ستراسبۇرگتىكى ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر