ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى: تۈركىيە ئارمىيەسى جەرابلۇستا دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى تۈركىيەنىڭ «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جەرابلۇستا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

559817
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى: تۈركىيە ئارمىيەسى جەرابلۇستا دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پېتېر كوك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا جەرابلۇسنى قولغا كىرگۈزگەنلىكىنى، دائېشچىلارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن شەھەردىن قوغلىۋېتىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دائېشنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ۋە مىنالارنى تازىلاش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن كوك ئىتتىپاقداش كۈچلىرىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تۈنۈگۈنمۇ جەرابلۇس ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، دائېش نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى مۇنبىچتىن كېيىن جەرابلۇسنىڭمۇ دائېشتىن ئېلىنىشىنىڭ دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ مۇھىم باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كوك: «بۇ قېتىمقىسى دائېشقا بېرىلگەن ئەجەللىك زەربە. جەرابلۇس ھەرىكىتى بولۇپمۇ كەلگۈسى نىشانلارنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى مەقسىتىدە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم» دېدى.

كوك  پ ي د / ي پ گ كۈچلىرىنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا چېكىنىپ چېكىنمەيدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «مۇنبىچنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ بىر قىسمى مۆلچەردىكىگە ئوخشاشلا فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە چېكىندى. بەزى كۈچلەر بولسا دائېشلىق تېرورىستلارنىڭ شەھەرگە سوقۇنۇپ كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە شەھەردىكى مىنالاردىن تازىلاش ئۈچۈن چېكىنمىدى.»

ئۇ يەنە، ي پ گ نىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەردىن كېيىن فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسمىغا چېكىنىش توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر