رۇمېنىيە فەتھۇللاھچىلارنىڭ بىر ئوقۇغۇچىلار يۇرتىنى تاقىۋەتتى

رۇمىنىيە، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ رۇمىنىيەنىڭ مەجىدىيە شەھىرىدىكى بىر ئوقۇغۇچىلار يۇرتىنى تاقىۋەتتى.

559311
رۇمېنىيە فەتھۇللاھچىلارنىڭ بىر ئوقۇغۇچىلار يۇرتىنى تاقىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ رۇمىنىيەنىڭ مەجىدىيە شەھىرىدىكى گۇماشتىسى ‹تۇنا ۋەقپى›گە تەۋە قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بارغان بىر ئوقۇغۇچىلار يۇرتى (ياتاق ۋە پائالىيەت بىناسى) تاقىۋېتىلدى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى – تىكانىڭ بۈكرەش مەسئۇلى ئاھمەت داستان، مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ياتاق ۋە پائالىيەت بىناسىنىڭ قانۇنسىز پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

داستان، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى تەلىم – تەربىيە مەۋسۇمىدە تېخىمۇ كۆپ كىشىگە خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىش ئۈچۈن، يۇرت بىناسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، خىزمەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن مەزكۇر ئوقۇغۇچىلار ياتاق ۋە پائالىيەت بىناسىنىڭ رۇمىنېيە مۇپتىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر