سابىق پىرىزېدېنت ساركوزىي يەنە نامزاتلىقىنى جاكارلىدى
فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرىزېدېنتلىرىدىن نىكولا ساركوزىي پىرىزېدېنت نامزاتى بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرىزېدېنتلىرىدىن نىكولا ساركوزىي 2017-يىلدىكى پىرىزېدېنتلىق سايلاملىرىدا قايتىدىن نامزات بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ساركوزىي Twitter ئادرىسىدىن بۇ ھەقتە مۇن ئۇچۇرنى تارقاتتى: «2017-يىلدىكى پىرىزېدېنتلىق سايلاملىرىدا يەنە نامزات بولۇشنى قارار قىلدىم، تارىخىمىزنىڭ بۇ ھالقىلىق پەيتىدىكى كۈرەشلەرگە رەھبەرلىك قىلىش قابىليىتىنى ئۆزۈمدە بار، دەپ قارايمەن.»
2007-يىلدىن 2012-يىلغىچە پىرىزېدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ساركوزىينىڭ رەسمىي نامزات بولۇش ئۈچۈن بۇ يىل 20- نويابىردىن 27-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تەييارلىق سايلاملىرىدا ئۇتۇپ چىقىشى شەرت.
ساركوزىينىڭ تەييارلىق سايلاملىرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى سابىق پىرىزېدېنتلاردىن ئالېن جۈپېدۇر.
فىرانسىيەدە ئىككى باسقۇچىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرىزېدېنتلىق سايلىمى 2017-يىلى 23-ئاپرېل ۋە 7-ماي كۈنلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.