جوبايدىن: «بىز ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ يېنىدا» دېدى

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتتى.

557587
جوبايدىن: «بىز ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ يېنىدا» دېدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئەتە تۈركىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىدىن ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتتى.

جو بايدىن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلگەنلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكى ھەمدە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جو  بايدىن غازىئانتەپتە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئۈستىدە توختىلىپ، كىچىك بالىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق بىر توي مەرىكىسىگە قىلىنغان ۋەھشيلەرچە تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، ئاساسلىق كۆپ قىسمى كىچىك بالىلاردىن تەشكىل تاپقان كۆپپ ساندا كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بىز ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيەنىڭ يېنىدا بولىمىز، ئېچىنىشلىق ھۇجۇملار ۋە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، بۇ ھەپتە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە خەلقى بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئۈچۈن ئەنقەرەگە بارىمىز» دېدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئەتە ئەنقەرەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى جەريانىدا،  دەسلەپتە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى ئىسمائىل قەھرىمان بىلەن ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ، ئاندىن 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى جەريانىدا بومباردىمان قىلىنغان پارلامېنت بىناسىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. چانكايا سارىيىدا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

جو بايدىن جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە زىيارەتتە بولغان تۇنجى ئامېرىكا رەھبىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەردوغان بىلەن ئايرىم ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىشى ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىن شۇ كۈنى كەچتە دۆلىتىگە قايتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر