يەمەن ئارمىيەسى پايتەخت سانئانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى قولغا كىرگۈزدى

يەمەن ئارمىيەسى، سەنئانىڭ نىھم ناھىيەسىنىڭ ئەلكۇھل ۋە ئەلكەتەب تاغلىرى بىلەن ئەلمەدفۇن بازىرىغا يېقىن يەردىكى ئەلبەيياد تۆپىلىكىنى قولغا كىرگۈزدى.

556065
يەمەن ئارمىيەسى پايتەخت سانئانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىنى قولغا كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەن ئارمىيەسىگە قاراشلىق مەتبۇئات مەركىزىنىڭ تۋىتتېر ئارقىلىق تارقاتقان باياناتىغا قارىغاندا، يەمەن ئارمىيەسى، سەنئانىڭ نىھم ناھىيەسىنىڭ ئەلكۇھل ۋە ئەلكەتەب تاغلىرى بىلەن ئەلمەدفۇن بازىرىغا يېقىن يەردىكى ئەلبەيياد تۆپىلىكىنى قولغا كىرگۈزدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرمۇ ھاۋادىن ياردەم بەرگەن ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا، ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارى كۈچلەرنىڭ مەسئۇرە ۋە مەھەللى رايونلىرىدىكى نۇقتىلىرىغا يەتتە قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى.

ھۇسىيلار ئەلمەدفۇندىن ئەلمۇجاۋىھە رايونىغا چېكىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر