ئىراق ئارمىيەسى: 19 دائېش ئەزاسىنى ئۆلتۈردۇق

ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىقى، دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە 19 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

556198
ئىراق ئارمىيەسى: 19 دائېش ئەزاسىنى ئۆلتۈردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كۈچلىرىنىڭ مۇسۇلنىڭ شىمالىغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇمىدا دائېشنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى.

ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئورتاق ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مۇسۇلنىڭ ئەلمىساق مەھەللىسىدە يىغىن ئېچىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ،  تەشكىلاتنىڭ ئىراق ئەمىرى ئىياد ھامىد مەھەل ئەلجەمىلى، تەشكىلاتنىڭ سابىق لىدېرلىرىدىن ئەبۇ ئۆمەر ئەلباغدىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى بولغان مۇھەممەد ئەلماۋى، ھەربىي ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى مەسئۇلى ھەججى تەيسىر، خىمىيەلىك ماددىلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرى مەسئۇلى ساددام ئەلھەدىدى دېگەندەك يۇقىرى دەرىجىلىك كىشىلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىراق ھۆكۈمىتى، ماي ئېيىدا مۇسۇلنى دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن رايونغا يېقىن جايلارغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانىدى.

ئىراق مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد ئەلئۇبەيدىمۇ 12 – ئىيۇندا بايانات بېرىپ، مۇسۇلنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر