ئىراقتا دائېش بىلەن بولغان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاخىرىقى قەلئەسى دەپمۇ بىلىنىدىغان ئەبۇ كەنان رايونى تېررورچىلاردىن پۈتۈنلەي تازىلاندى.

555549
ئىراقتا دائېش بىلەن بولغان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا بومبا ھۇجۇملىرى ۋە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.

پايتەخت باغدادنىڭ ئەبۇ غەرىب رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان بومبا ھۇجۇمىدا 3 كىشى ئۆلۈپ، 9 كىشى يارىدار بولدى.

ئەن نەيرەۋان ناھىيەسىدە پۇتبول مەيدانىغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا بولسا، 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 13 كىشى يارىدار بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتكە قاراشلىق قىسىملار رامادى شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى جەزىرتول خالىدىيە رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ قەلئەسى دەپ تونۇلغان رايوننىڭ كونتىروللۇقۇنى ئالقىنىغا ئالدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاخىرىقى قەلئەسى دەپمۇ بىلىنىدىغان ئەبۇ كەنان رايونىنىڭمۇ تېررورچىلاردىن پۈتۈنلەي تازىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر