«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەسى تۈركىيە خەلقىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ تۈركىيە خەلقىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

555304
«ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتسىيەسى تۈركىيە خەلقىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن مەركىزى بىريۇسسېلدىكى « Politico » مېدىياسىدا ئېلان قىلغان «بىريۇسسېلنىڭ بىر مەسىلىسى بار» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيەگە تۇتقان سەلبىي پوزىتسىيەسىنىڭ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى قوللاۋاتقان تۈركىيە خەلقىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى، تۈركىيەدە يۈز بەرگەن مۇۋەپپەقىيەتسىز ھەربىي ئىسياننىڭ پەقەت تۈركىيە خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىنمۇ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە ھامىيسى قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئەمما ھەرقانداق بىر نامزات دۆلەتتە دېموكراتىيەگە قارشى يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ھۇجۇمغا قارشى كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، بۇ ھەممىمىزنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. تۈركىيەدە 15 – ئىيۇل يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىڭ 1980 – يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئورۇنلىرىغا سىستېمىلىق ھالدا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقى ۋە ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىغا دائىر كۈچلەر دەلىللەر قولغا چۈشتى. مەيلى دىندارلار بولسۇن، مەيلى دىن ۋە دۆلەت تۈزۈمىنى ئايرىپ قارايدىغانلار بولسۇن، مەيلى لىبېراللار بولسۇن، ھەر ساھە ئاممىسىدىن تەشكىل تاپقان تۈركىيە خەلقى ئامېرىكىدىن پېنسىلۋانىيەدە ياشاۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى گۈلەننى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشىنى ۋە گۈلەننىڭ قىلمىشىدىن تۈركىيەدە ھېساب بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. باشقا ۋاقىتلاردىكىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھازىر تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، خەلقى بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلماقتا. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىريۇسسېل تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ دېموكراتىيەنى قوغداش يولىدىكى بۇ ئېگىلمەس – سۇنماس روھىنى تولۇق چۈشىنىپ يېتەلمەيۋاتىدۇ. تۈركىيە ھازىرغىچە پ ك ك ۋە دائېشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتاتتى. 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن ئۈچىنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا چىقتى. تۈركىيەنىڭ ئۆز ئالدىغىلا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىشىنى كۈتۈش نە ھەقىقەتكە، نە ئەخلاق ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس. قىسقىسى، بۇ مەسىلىدە ياۋروپالىق ۋە ئامېرىكىلىق دوستلىرىمىز بىزگە تېگىشلىك ياردەم بېرىشى شەرت.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر