خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەگە كىرىشتىكى مەقسىتى زادى نېمە؟

خىتاي رۇسىيەنىڭ تەلىپى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوچۇق چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىپ، سۈرىيەگە دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن 5 مىڭ ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە قىسىم يوللاش قارارى ئالدى.

555015
خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەگە كىرىشتىكى مەقسىتى زادى نېمە؟

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتلىرىدىن «سىتار گېزىتى»نىڭ تور بېتىدە، «خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەگە كىرىشتىكى مەقسىتى زادى نېمە؟» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلىندى.

خەۋەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى رۇسىيەنىڭ تەلىپى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئوچۇق چاقىرىقىنى قوبۇل قىلىپ، سۈرىيەگە دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن 5 مىڭ ئەسكەردىن تەشكىللەنگەن ئالاھىدە قىسىم يوللاش قارارى ئالدى.

بۇ قارار، رۇسىيە – خىتاي ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتوغا قارشى تاشلىغان ئورتاق ھەربىي قەدىمى دەپمۇ قارالماقتا.

خىتاي بۈگۈنگە قەدەر پەقەت نىگېرىيەگىلا خىتاي كارخانىچىلارنى قوغداش مەقسىتىدە ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرققە ئەسكەر يوللاش قارارى ئالدى. شۇنداق بولغاندا، خىتاي چەت ئەللەرگە ئىككىنچى قېتىم ئەسكەر ئەۋەتكەن بولىدۇ.

ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا، «بۇ قېتىمقى رۇسىيە – خىتاي ئىتتىپاقى ئامېرىكىغا نىسبەتەن زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟»، «تۈركىيە بۇ ۋەزىيەتتە زادى قانداق يول تۇتۇشى لازىم؟» دېگەن سوئاللار ئۈستىدە ئانالىزلار قىلىنماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر