«تۈركىيەدىن ئايرىلىپ قالساق، خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىمىز ۋەيران بولىدۇ»

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن ئۈچۈن تۈركىيەدىن ئىزچىل ھالدا «پاكىت كۆرسىتىش» نى تەلەپ قىلىشى ئەيىبلەندى.

553641
«تۈركىيەدىن ئايرىلىپ قالساق، خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىمىز ۋەيران بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش يولىدا لوبىچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان Turkish Heritage Organization نىڭ باشلىقى خالىل دانىشماز، «ئەگەر تۈركىيەدىن ئايرىلىپ قالساق، خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىمىز ۋە رايوندىكى ئۇست قۇرۇلمىمىز بىرلا ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا ۋەيران بولىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر زالىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتى ۋە بۇنىڭ رايونغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا، Turkish Heritage Organization نىڭ باشلىقى خالىل دانىشماز بىلەن ئامېرىكا تەشەببۇسكارلار ئېنىستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مايكېل رۇبىن سۆز قىلدى.

ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان دانىشماز، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قانلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن پايتەخت ۋاشىنگتوندا تۈركىيەنىڭ ناھايىتى كۆپ تەنقىدلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېقىن شېرىكى ۋە كۈچلۈك ناتو ئىتتىپاقدېشى دېيىلىشىگە قارىماي، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ سۈرئەت بىلەن چوڭقۇرلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئىراق، سۈرىيە، ئىران سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختالغان ھالدا، ۋاشىنگتون دائىرىلىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە سادىر قىلغان «ئېغىر خاتالىقلىرى» غا ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ خاتا مۆلچەرلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان دانىشماز، تۈركىيەدە يېقىنقى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن يۇقىرىقىغا ئوخشاش خاتا مۆلچەرلەرنىڭ قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە تۈركىيەنىڭ مۇھىم رولى بارلىقىنى بىلدۈرگەن دانىشماز، «تۈركىيە ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر دۆلەت. ئەگەر تۈركىيەدىن ئايرىلىپ قالساق، خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىمىز ۋە رايوندىكى ئۇست قۇرۇلمىمىز بىرلا سۆز بىلەن ئېيتقاندا ۋەيران بولىدۇ» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئورۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەن ئۈچۈن تۈركىيەدىن ئىزچىل ھالدا «پاكىت كۆرسىتىش» نى تىلغا ئېلىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلەتكەن دانىشماز، 11- سېنتەبىر ھۇجۇمى ۋە ئۇسامە بىن لادىننى مىسالغا ئالغان ھالدا ، «11 – سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن ئۇسامە بىن لادىننى خەلق دۈشمىنى، دەپ ئېلان قىلغىنىمىزدا كۈچلۈك پاكىتلارغا قارىدۇقمۇ؟ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئافغانىستان، ‹ئالدىراپ خۇلاسە چىقارماڭلار. بىن لادىن ئەسلىدە ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇنداق ئەمەس، دەپ ئويلىساڭلار بىزگە كۈچلۈك پاكىت كۆرسىتىڭلار› دېگەن بولسا ئىدى، قانداق ئىنكاس بىلدۈرگەن بۇلار ئىدۇق؟ قىسقىسى گۈلەن بىر جىنايەتچى. ئۇ ئامېرىكا پۇقراسى ئەمەس؛ بۇ يەرگە ئەمەس، تۈركلەرگە تەۋە بىرى. بۇ تۈركىيەنىڭ مەسىلىسى تۇرسا، بۇ مەسىلىنى ئامېرىكىغا سۆرەپ كېلىش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنپەئەتلىرى بىلەن زىتلىشىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر