بوگدانوۋ: رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە كىرېملىننىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى مىخائىل بوگدانوۋ، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئۈچ تەرەپ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

552648
بوگدانوۋ: رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېھراندا ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن رۇسىيە ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىغا بايانات بەرگەن بوگدانوۋ، «رۇسىيە ۋە ئىران تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىلىرىدە ئاكتىپ ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. تۈرك شېرىكلىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزىدىغان بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ مىنىستىرلار دەرىجىسىدە ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىغا ئايلىنىشى تامامەن مۇمكىن» دېدى.

ئۇ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە پارس قولتۇقى ئەللىرىدە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەندا ھالدا، بۇ يەردە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ بەزى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر