سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار يەمەندە 10 بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار يەمەندىكى ملەۇم بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلىپ 10 بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

551843
سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار يەمەندە 10 بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار يەمەندە شىئە ھۇسىيلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خەيدان شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مەكتەپنى بومباردىمان قىلىپ، 10 بالىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

چېگرادىن ھالقىغان دوختۇرلار تەشكىلاتى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا 28 بالىنىڭمۇ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ھۇسىيلەر بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرىزېدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى تايىز شەھىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ 8 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ھۆكۈمەت قىسىملىرىمۇ ئەل-قائىدىنىڭ نوپوزى كۈچلۈك بولغان زەنجەبار شەھىرىنىڭ تىزگىنىنى قولغا ئالدى.

رايوننىڭ ئەل-قائىدىدىن تولۇق تازىلىنىشى ئۈچۈن  ھۇجۇملاردا ئېغىر تىپلىق قوراللار ئىشلىتىلمەكتە.

يەمەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار قوللاپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن ھۇسىيلەر ۋە ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرىزېدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولماقتا.

يەمەندىكى توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا كۇۋەيتتە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە توختىتىپ قويۇلۇشىدىن كېيىن، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان-يەمەن چېگرىسىدا توختىماي جىددىيچىلىك يۈز بەرمەكتە.

بۇنىڭدىن باشقا، ھۇسىيلەر بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرىزېدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ پارتىيەسى تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان ئالىي سىياسىي كېڭەش پارلامېنتنىڭ ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشتى.

ئىشەنچ ئاۋازىدىن كېيىن سۆز قىلغان كېڭەش باشلىقى سالىھ ئەس-سامەد سامەد، پارلامېنت كېڭەشنى قوللىغان تەقدىردە، سىياسىي ھەل قىلىش مۇساپىسىنىڭ سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر