لىۋىيەدە دائېش بىلەن ھۆكۈمەت قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە
لىۋىيەنىڭ سىرتېدا شەھىرىدە ھۆكۈمەت قىسىملىرى بىلەن دائېش مىلىتانلىرى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ سىرتې ۋىلايىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر دائىرىسىدە، مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق «ئەل-بۇنيان ئەل-مەرسۇس»قىسىملىرىدىن 7 كىشى ئۆلدى، 52 كىشى يارىلاندى.
شەھەردە توختاۋسىز ئىلگىرىلىگەن قىسىملارغا دائېش مىلىتانلىرى راكېتامىيوت ۋە توپ ئوقلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
«ئەل-بۇنيان ئەل-مەرسۇس»قىسىملىرى تۈنۈگۈن ئەل-ئىمارات ئەل-ھىندىييە رايونىنىڭ تىزگىنىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
مەملىكەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتى دائېشنىڭ سىرتېدىكى نوپۇزىغا خاتىمە بېرىش مەقسىتىدە بۇ يىل ماي ئېيىدا «ئەل-بۇنيان ئەل-مەرسۇس»ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى قوزغىدى. ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە تەشكىلاتنىڭ قەلئەسى ھېسابلىنىدىغان رايونلارمۇ بولغان نۇرغۇن جاي قولغا كىرگۈزۈلدى، شەھەرنىڭ مەركىزىدىكى ئۈچ رايون ھېلىھەم تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تىزگىنى ئاستىدا تۇرماقتا.