دۇنيا ئىلىم ئەھلىلىرى پەلەستىن ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىنىدۇ

پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن «پەلەستىندە 100 ئىلىم ئەھلى» نامى ئاستىدا سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى باشلاندى.

552012
دۇنيا ئىلىم ئەھلىلىرى پەلەستىن ئۈچۈن بىر يەرگە توپلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يۇرتداشلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ھەق-ھوقۇقلىرى مەركىزى» نىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد ئۇرەيكات راماللاھتا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە باشلانغان «پەلەستىندە 100 ئىلىم ئەھلى» پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بەردى. ئۇ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قىيىنچىلق پەيدا بولۇۋاتقان، خەلقئارا كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرى ئۆزگىرىۋاتقان ۋە ئىسىرائىلىيەدە ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ تەسىرى بارغانسېرى ئېشىۋاتقان بىر دەۋردە، بۇ خىل پائالىيەتنى باشلاشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ «پەلەستىندە 100 ئىلىم ئەھلى» پائالىيىتى ئارقىلىق ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرگە بولغان قاراشلىرىنى بىلىشنى، پەلەستىنلىك ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن بۇ مەسىلىلەردە تالاش-تارتىش قىلىش مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشنى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى مەقسەت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت دائىرىسىدە، پۈتكۈل دۇنيادا ۋە ئەرەبلەر ئارىسىدا ئىككى يىل بويىچە سىياسىي، ئىقتىسادىي ھەمدە ئىجتىمائىي مەسىلىلەردە ئىقتىساسلىق 100 ئىلىم ئەھلىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا لېكسىيەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى پىلان قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر