ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 4 كىشى ئۆلدى
ئافغانىستاننىڭ قەندىھار ۋىلايىتىدە يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بىر بومبىنىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە 4 كىشى قازا قىلدى.
551255
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەندىھار ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇقرالار ئولتۇرغان بىر ساقچى ماشىنىسى مەيۋاند ناھىيەسىنىڭ شالگام رايونىدا كېتىۋاتقاندا، تالىبان مىلىتانلىرى يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بومبا پارتلاپ، 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.