ھۇسىيلار يەمەن پارلامېنتىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشنى قارار قىلدى

يەمەندە ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن لىدېر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى، 13 – ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن پارلامېنت يىغىنلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

548084
ھۇسىيلار يەمەن پارلامېنتىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سابانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارلامېنت باشلىقى يەھيا ئەلى ئەررائى، ئۈچ پارلامېنت ئەزاسى ۋە بىر پارلامېنت باش كاتىپىدىن تەشكىل تاپقان پارلامېنت كېڭىشى يىغىن چاقىرىپ، پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 13 – ئاۋغۇستتىن ئېتىبارەن خىزمەتلىرىنى باشلىشىنى قارار قىلدى.

يەمەن پارلامېنتى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2014 – يىلى نويابىردا خالىد بەدداخ ھۆكۈمىتىنى ئىشەنچ ئاۋازىغا قويۇش مەقسىتىدە يىغىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر