Google پەلەستىننىڭ نامىنى خەرىتىسىدىن چىقىرىپ تاشلىدى

Google پەلەستىننىڭ نامىنى خەرىتىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئورنىغا ئىسرائىل دېگەن نامنى كىرگۈزدى.

547558
Google پەلەستىننىڭ نامىنى خەرىتىسىدىن چىقىرىپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنياغا مەشھۇر ئىزدەش موتورى « Google»خەرىتە سىستېمىسىدىن پەلەستىن ئىسمىنى چىقىرىۋېتىپ، رايونغا ئىسرائىل دەپ نام بەردى.

پەلەستىن ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ Googleنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پەلەستىن نامىنى چىقىرىۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا سۈننىي ئىسرائىل نامىنىڭ قويۇلۇشى سىئونىست ئىسرائىل ھاكىمىيىتىنىڭ تۇزىقىدىن ئىبارەتتۇر. Google نىڭ بۇ قىلمىشى تارىخ ۋە جۇغراپىيەنىڭ دەپسەندە قىلىشى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ۋەتىنى ئۈستىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.»

پەلەستىن ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى دۇنياغا مەشھۇر شىركەتنىڭ بۇ قارارىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدە-پىرىنپىسپلىرىغا زىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

Google قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن پەلەستىنلىكلەرمۇ Googleنىڭ بۇ قارار سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى. شىركەت مەسئۇللىرى بۇ نارازىلىقلارغا ئىنكاس قايتۇرمىدى.


خەتكۈچ: #Google» , #دۇنيا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر