بۇ رەسىم ئامېرىكىدا قاتتىق تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى

ئامېرىكىدا ھىلاى كلىنتون پەلەمپەيدىن چىققاندا مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ قولىدىن تۇتۇۋېلىشى قاتتىق تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى.

548063
بۇ رەسىم ئامېرىكىدا قاتتىق تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشچە، ئامېرىكىدا دېموكراتىك پارتىيەگە ۋاكالىتەن بۇ يىل نويابىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزېدېنتلىق سايلىمىغا تەييارلىنىۋاتقان ھىلارى كلىنتون پەلەمپەيدىن چىقىش ئۈچۈن مۇھاپىزەتچىلىرىنى تۇتۇپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك فوتو-سۈرەت قاتتىق تالاش-تارتىش پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن ھىلارى كلىنتوننىڭ سالامەتلىكى ئۈستىدىمۇ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

ئامېرىكا مېدىياسى پەلەمپەيدىن چىقىش ئۈچۈن مۇھاپىزەتچىلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان دېموكراتلارنىڭ پىرېزېدېنت نامزاتى ھىلارى كلىنتوننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشكە چاقىردى.

خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى تارقاتقان بۇ فوتو-سۈرەتلەرنىڭ ھىلارى كلىنتوننىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۈچۈن بارغان كولورادو ئىشتاتىدا تارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ فوتو-سۈرەتلەردە 68ياشلىق سىياسەتچى پەلەمپەيدىن چىقىش ئۈچۈن مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ قولىنى تۇتۇۋالىدۇ.

تۈنۈگۈن بۇ فوتو-سۈرەتلەرنى باش سەھىپىسىدە ئېلان قىلغانDrudgereport ئىنتېرنېت تور بېتى، 2009-يىلى كلىنتوننىڭ جەينىكىنىڭ سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى، 2011-يىلى ئايروپىلانىغا چىقىۋاتقاندا يېقىلىپ چۈشكەنلىكىنى، 2011-يىلى يەنە مېڭىسىدە پەيدا بولغان قان قېتىشمىسى سەۋەبىدىن ئوپېراتسىيە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھىلارى كلىنتوننىڭ رەقىبى دونالد ترامپ ھەپتە ئاخىرى ئۆتكۈزگەن يىغىلىشتا، سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلىنتوننىڭ «بەزى مەسىلىلىرى» نىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئامېرىكىلىقلار نېرۋىسى جايىدا بولمىغان بىرسىنىڭ پىرېزېدېنت بولۇشىنى خالىمايدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر