نىگېرىيەدە ئىككى خىتاي ئىشچى گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

نىگېرىيەدە West African Polaris ناملىق خىتاي شىركىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئىشچىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

546597
نىگېرىيەدە ئىككى خىتاي ئىشچى گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى

نىگېرىيەدە ئىككى خىتاي كۆمۈر كان ئىشچىسى قوراللىق بىر تۈركۈم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىندى.

نىگېرىيەلىك ساقچى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، West African Polaris ناملىق خىتاي شىركىتىنىڭ ئىككى نەپەر ئىشچىسى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ناساۋارا ۋىلايىتىدىن پايتەخت ئابۇجاغا كېتىۋاتقاندا قوراللىق بىر تۈركۈم كىشىلەر تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان.

ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ناساۋرا ۋىلايىتىدىكى ئورمانلىقتا قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر