ئوباما: فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى ناھايىتى جىددىي مەسىلە

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

546353
ئوباما: فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى ناھايىتى جىددىي مەسىلە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقان كارخانىچىلاردىن دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزاسى مۇرات گۈزەل پىرېزىدېنت ئوبامانىڭ شەرەپ مېھمىنى بولغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ سايلام رىقابىتىنى قوللاش مەقسىتىدە ئاتلانتادا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا قاتناشتى.

مۇرات گۈزەل يىغىندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى توغرۇلۇق ئوباماغا مەلۇمات بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

يىغىندا سۆز قىلىپ، ئوبامادىن سوئال سورىغانلىقىنى قەيت قىلغان گۈزەل ئوباماغا ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تۈركىيەدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىك تۇيغۇسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ تۈركىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكىلىق سىياسىيونلارنىڭ ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە فەتھۇللاھ گۈلەننى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنىڭ كېچىكىپ كېتىشىدىن رەنجىۋاتقانلىقىنى، فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنىڭ پەقەت جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل تۈركىيە خەلقىنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكا فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمىگەن تەقدىردە، بۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتتى، بۇ مەسىلىدە ئوبامانىڭمۇ ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، ئوبامانىڭ سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى: «بۇ تۈركىيەدە يۈز بەرگەن تۇنجى قېتىملىق ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى ئەمەس. بۇ مەسىلىدە ناھايىتى سەزگۈر بولغان تۈركىيە خەلقى ھەربىي ئىسيانچىلارنىڭ ئوبدان ئەدىپىنى بېرىپ قويدى. پۈتكۈل تۈركىيە خەلقى ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا ئومۇميۈزلۈك ھالدا قارشى چىقتى. تۈركىيەنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكىمۇ ھەربىي ئىسيانغا قارشى تۈركىيەنىڭ يېنىدا تۇردى. فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسى ناھايىتى جىددىي مەسىلە، شۇڭا بۇ مەسىلە قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بىزمۇ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارايمىز، ئەمما ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەن تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىسپاتلىنىشى لازىم.»

تۈرك كارخانىچى ئۆمەر ئەرمۇ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پاۋل ريان بىلەن بىرلىكتە ئىشتىراك قىلغان يىغىندا، تۈركىيەدىكى ريانغا ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ئامېرىكىنىڭ سايلام ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان سىياسىيونلارنى قوللىشىنى، پالامېنت بىناسى بومبىلانغان بىر دۆلەتنى زىيارەت قىلىش، ھېچبولمىغاندا، تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىنى بولسىمۇ زىيارەت قىلىپ، تەزىيە بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.

ريانمۇ ئۆمەر كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن بارلىق مەسىلىلەرگە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى، تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر