ناتو «‹ New York Times › گېزىتى» نىڭ خەۋىرى يالغان

ناتو «‹ New York Times › گېزىتى» نىڭ تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىقىنىڭ تالاش – تارتىش قىلىنىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

546351
ناتو «‹ New York Times › گېزىتى» نىڭ خەۋىرى يالغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو يازما بيانات ئېلان قىلىپ، «‹ New York Times › گېزىتى» نىڭ تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەزالىقىنىڭ تالاش – تارتىش قىلىنىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى، بۇ خەۋەرنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4 – ئاۋغۇست كۈنى «‹ New York Times › گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن چىقىرىۋېتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋىرى ھەقىقەتكە ئۇيغۇن ئەمەس بولۇپ، ناتو   ئەھدىنامىسى بولغان ۋاشىنگتون ئەھدىنامىسىدە ئەزا ھەرقانداق بىر دۆلەتنى ناتودىن چىقىرىۋېتىشقا دائىر ھېچقانداق بىر ماددا يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەدە ئامېرىكا دۈشمەنلىكىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىگە دائىر ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغان بولۇپ، تۈركىيە ناتو ئەھدىنامىسىنىڭ بارلىق بەلگىلىمىرىگە تولۇق رىئايە قىلماقتا ئىكەن. تۈركىيەنىڭ ناتو دىكى كېلەچىكى ھەققىدە تالاش – تارتىش قىلىنىش ئۈچۈن رەسمىي ياكى غەيرىي رەسمىي يىغىن چاقىرىلىش كۈنتەرتىپتە ئەمەس ئىكەن. ۋارشاۋا باشلىقلار يىغىنىنىڭ 129 – ماددىسىدىمۇ، «ناتو غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا ساھىب چىقىش ھوقۇقى بار» دېگەن بەلگىلىمە بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر