فىرانسىيەدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 13 كىشى ئۆلدى

فىرانسىيەنىڭ روئېن شەھىرىدىكى بىر مەيىخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 13 كىشى ئۆلدى، 6 كىشى يارىلاندى.

546222
فىرانسىيەدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 13 كىشى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېرىم كېچىدە مەيخانىنىڭ تۆۋەنكى قەۋىتىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە 18 – 25 ياشلار ئۆپچۆرىسىدىكى ياشلار ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جايدا بىر دوستىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان ئىكەن. ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش جەريانىدا يېقىلغان شاملار سەۋەب بولغان.

باش مىنىستىر مانيېئۇل ۋالس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەدىن تولىمۇ ئەپەسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر