«ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ئىشىكلىرىنى تاقىۋالسا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جان كىلود يۇنكېر ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ئىشىكلىرىنى تاقىۋالسا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

545379
«ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ئىشىكلىرىنى تاقىۋالسا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۇنكېر گېرمانىيەنىڭ «‹ ARD› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئاۋىسترىيە باش مىنىستىرى كىرىستىن كېرننىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن سۆزى توغرۇلۇق توختالغاندا، ئۆزىنىڭ بۇنداق دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، مۇزاكىرىلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى، ئەگەر ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيەگە ئىشىكلىرىنى تاقىۋالسا، دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتىن چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھازىرقى ئەھۋالدا، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولالمايدىغانلىقىنى، ئەمما مۇزاكىرىلەرنى توختىتىپ قويۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەرنى ئۆز ئالدىغىلا توختىتىپ قويسا، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن پايدىسىز. بۇنداق بولماسلىقى لازىم. مۇزاكىرىلەرنى توختىتىپ قويۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىشى كېرەك. نۆۋەتتە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بۇنداق قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. مۇزاكىرىلەر باسقۇچىدا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللار ئوتتۇرىغا چىقىشى، جۈملىدىن، تۈركىيە مۇزاكىرىلەرنىڭ نەتىجىسىگە كۆرە ئەزا بولۇپ بولماسلىق مەسىلىسىدە قارار چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر تۈركىيە 15      - ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن دائىم دېگۈدەك كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىۋاتقان ئۆلۈم جازاسىنى قايتا قانۇنلاشتۇرسا، مۇزاكىرىلەر ئاخىرلىشىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر