لوندوندا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا بىر زوراۋان پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ، بىر كىشىنى ئۆلتۈردى، بىر كىشىنى يارىلاندۇردى.

545070
لوندوندا پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رېسېل مەيدانىدىكى ۋەقەدىن كېيىن كۆپ ساندىكى تاپانچىسى بىلەن بىرلىكتە قولغا چۈشكەن زوراۋان قولغا ئېلىندى.

ۋەقە تەكشۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى توغرىلىقمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.

لوندون جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بېرنېرد ھوگەن ھاۋ بىلەن لوندون شەھەر باشلىقى سادىق خان تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا، تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىغا قارشى شەھەر كوچىلىرىدا تېخىمۇ كۆپ ساقچىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر