ئىراقتا ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ كۆچمەنلەر تۇرۇۋاتقان رايونلارغا پىسخىولگىيەلىك ياردەم ۋە سەھىيە ياردەم ئەترەتلىرىنى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

543787
ئىراقتا ئۆي - ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋە سالاھىددىن ۋىلايەتلىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائىش بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان تۇقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى 70 مىڭدىن ئاشتى.

ئىراق قىزىل ئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ 30 مىڭدىن كۆپرەكىنىڭ مۇسۇلغا قاراشلىق ماھمۇر ناھىيەسىدە قۇرۇلغان دىبەگە چېدىر لاگىرىدا پاناھلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتا يەنە، كۆپىنچىسى دۆلەتكە ئائىت جايلاردا ۋە ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىنىڭ يېنىدا بولۇپ، جەمئىي 40 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ سالاھىدىننىڭ مەركىزى تىكرىت شەھىرىدە، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا، كەركۈك بىلەن ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق رايونلارغا ئورۇنلاشقانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇلارغا يېمەك – ئىچمەك يارىدىمى قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە، قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ كۆچمەنلەر تۇرۇۋاتقان رايونلارغا پىسخىولگىيەلىك ياردەم ۋە سەھىيە ياردەم ئەترەتلىرىنى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

باياناتتا ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئىنتايىن قېيىن شارائىت ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر