شىۋېتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق ئىتلىماسىنى قايتۇرۇۋالدى

شىۋېتسارىيە 1992-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى.

543429
شىۋېتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق ئىتلىماسىنى قايتۇرۇۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسارىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىدىر بۇركھالتېر 1992-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سۇنغان ئىلتىماسىنى قايتۇرۇپ ئالىدىغانلىقلىرىنى بىريۇسېلغا بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.

بۇركھالتېر مۇنداق دېدى: «ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدېشىمىز بولغان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقىمىز بار، بىراق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى خالايمىز.»

شىۋېتسارىيە پارلامېنتى بۇ يىل ماي ئېيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا 1992-يىلى سۇنغان ئىلتىماسىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىغانىدى.

شىۋېتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن 1992-يىلى 20-مايدا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، شۇ يىلى شىۋېتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمغا قاتناشقانلارنىڭ %50.3ى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى رەت قىلىپ ئاۋاز بەردى. بۇنىڭغا قارىتا، شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەزالىق ئىلتىماسىنى قايتۇرۇپ ئالمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر