40 دۆلەت ياشلىرى «FETÖ»نى ئەيىبلەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

باياناتتا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈركىيە خەلقىنىڭ ھاكىمىيىتىنى تالان – تاراج قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىگە قاتتىق ئازابلانغان ھالدا شاھت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

543539
40 دۆلەت ياشلىرى «FETÖ»نى ئەيىبلەپ ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇل تۈركىيەدە ئېلىپ بارغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى ھەرىكىتىگە قارشى 40 دۆلەت ياشلىرى ئورتاق بايانات ئېلان قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانپەرۋرەلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى مەسلىھەت كېڭىشى ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمىتى ياشلار مەجلىسى باشلىقى سەمەد ئاغىرباشنىڭ چاقىرىغا بىنائەن 40 دۆلەتتىن كەلگەن ياشلار ۋەكىللىرى ۋە بەزى ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە تەييارلىغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ كۈچلىنىپ مۇستەھكەم ھالدا تىك تۇرىدىغانلا بولسا، تارىختىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى دۇنيادىمۇ ئىزىلگۈچىلەرگە نىسبەتەن بىر ئۈمىد بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، دۇنيانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 15 – ئىيۇلدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىتىلاتى تەرىپىدىن تۈركىيە خەلقىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تالان – تاراج قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قاتتىق ئازابلانغان ھالدا شاھت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا: «بىز تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بولۇش سپىتىمىز بىلەن دۆلىتىمىزگە قايتقاندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە خەلقى نامايان قىلغان ئىنتايىن غۇررۇلۇق، مۇستەھكەم مەيدانىنى ئۆز ئىنسانلىرىمىزغا ئاڭلىتىمىز ھەمدە بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئېمپىرايالىست كۈچلەرگە قارشى بىرلىشىشكە چاقىرىق قىلىمىز. تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تۈركىيە تېخىمۇ كۈچلىنىپ مۇستەھكەم ھالدا تىك تۇرىدىغانلا بولسا، تارىختىكىگە ئوخشاش بۈگۈنكى دۇنيادىمۇ ئىزىلگۈچىلەرگە نىسبەتەن بىر ئۈمىد بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر