سومالىدا ئەش-شەباب تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلدى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا ئەش-شەباب تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلىپ نۇرغۇن ئادەمنى قەتلى قىلدى.

541806
سومالىدا ئەش-شەباب تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا جىنايەت ئىشلىرى تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىناسىغا قىلىنغان بومبىلىق ھۇجۇمدا 7سى زوراۋان بولۇپ جەمئىي 15 ئادەم ئۆلدى.

بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل بىنا ئالدىدا پارتىلتىلدى. ئارقىدىن، قوراللىق بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ خەۋپسىزلىك خادىملىرىغا ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 8 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھۇجۇمنى قوزغىغان 7 كىشىنىڭمۇ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسا، بۇ ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئەش-شەباب تەشكىلاتى ئۈستىگە ئالدى.


خەتكۈچ: #ئەش-شەباب

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر