سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەتتە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى

يەمەن – ئەرەبىستان چېگراسىدا يۈز بەرگەن سەئۇدى ئەرەبىستان كۈچلىرى بىلەن ھۇسىيلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 7 سەئۇدى ئەسكىرى ئۆلدى.

541599
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەتتە ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلىرى بايانات بېرىپ، يەمەن چېگراسىدا تەييار ھالەتتە تۇرۇۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان كۈچلىرىنىڭ  دۆلەتكە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرىشكە ئورۇنغان ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

دۆلەتكە سوقۇنۇپ كىرىشكە ئورۇنۇشنىڭ تەرەپلەر ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە روشەن خىلاپلىق قىلىش بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، نەجران رايونىنىڭ ئەررەبۋە شەھىرى تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھۇسىيلارغا ئېغىر زەربە بېرىلگەنلىكى ۋە ئونلارچە قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر