«فەتھۇللاھچىلار ئامېرىكىلىق سىياسىيونلار، ژۇرنالىستلار ۋە ئاكادېمىكلارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان»

ئۇدا 5 يىلغا يېقىن ئامېرىكىدىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەكتەپلىرىنى تەتقىق قىلغان رېژىسسور مارك ھول بۇ تەشكىلات مەنسۇپلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەربىي ئىسيانىدىن ھېچ ھەيران قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

539232
«فەتھۇللاھچىلار ئامېرىكىلىق سىياسىيونلار، ژۇرنالىستلار ۋە ئاكادېمىكلارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىدكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەكتەپلىرى ھەققىدە ئىشلەنگەن ۋە مائارىپ دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان « Killing Ed » ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسورى ھول ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «فەتھۇللاھ گۈلەن ۋە تەرەپدارلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشى ئادەمنى تولىمۇ ئەندىشىلەندۈرىدىغان بىر ئەھۋال. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ئۇدا 5 يىلغا يېقىن گۈلەن ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشىغا ھېچ ھەيرا قالمىىدىم. بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىغا زىيانلىق ۋە چىرىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئامېرىكىدا نۇرغۇنلىغان سىياسىيونلارنى، ژۇرنالىستلارنى ۋە ئاكادېمىكلارنى تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋالغان. ئامېرىكىدا 150 مەكتەپنى باشقۇرسۇن دەپ فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ ئەگۈشكۈچىلىرىگە ھەر يىلى 500 مىليون دوللار بېرىلىشى دىققىتىمنى قوزغىغانىدى. ئامېرىكا دائىرىلىرىدىن سورايمەن: بىز تۆلىگەن باجلار فەتھۇللاھ گۈلەن تەرىپىدىن تۈركىيەدىكى زوراۋانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىغا سەرپ قىلىندىمۇ؟ مەن ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ فەتھۇللاھ گۈلەننى تۈركىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىدىغانلىقىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر