چەت ئەلگە قاچقان خائىن ئەسكەرلەر ئۈچۈن «شۇم خەۋەر»
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيانىغا قاتناشقاندىن كېيىن گىرېتسىيەگە قاچقان 8 خائىن ئەسكەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلىپى كېچىكتۈرۈلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 8 خائىن ئەسكەرنىڭ ئادۋۇكاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خائىن ئەسكەرلەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلەش تەلىپى 19 – 25 – ئاۋغۇست كۈنلىرىگە كېچىكتۈرۈلگەن. بۇ ئەسكەرلەر تۈركىيەدە ئۆلۈم جازاسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈپ كەلتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈش ئۈچۈن، سىياسىي پاناھلىق تەلەپلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىشنى بىر ئاي كېچىكتۈرۈلۈشنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە، خەۋپ ئىچىدە قالىدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۈگۈن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىن ۋاقىت توختىتىلغان ئىككى ئەسكەر ئەتىگەن تەرەپلەردە پايتەخت ئاتىنانىڭ كاتېھاكى رايونىدىكى مەركىزى كۆچمەنلەر ئىشخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.