ياپونىيەدە ناھايىتى ئېغىر پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيوغا يېقىن يەرگە جايلاشقان ساگامىخارا شەھىرىدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

537561
ياپونىيەدە ناھايىتى ئېغىر پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيوغا يېقىن يەرگە جايلاشقان ساگامىخارا شەھىرىدىكى مېيىپلار پاراۋانلىق مەركىزىگە باستۇرۇپ كىرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمچى 15 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 45 ئادەمنى يارىلاندۇردى.

ھۇجۇمچى ۋەقەدىن كېيىن جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ ساقچىغا تەسلىم بولدى. 26 ياشلىق ھۇجۇمچىنىڭ مېيىپلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئالاقىدار خادىملار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر