توكيودىكى پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 19 غا يەتتى
ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيوغا يېقىن يەرگە جايلاشقان ساگامىخارا شەھىرىدە پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 19 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: توكيوغا يېقىن يەرگە جايلاشقان ساگامىخارا شەھىرىدىكى مېيىپلار پاراۋانلىق مەركىزىگە باستۇرۇپ كىرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمچى 19 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، 26 ئادەمنى يارىلاندۇردى.
ئالاقىدار خادىملار، يارىلانغانلاردىن يىگىرمىسىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھۇجۇمچى ۋەقەدىن كېيىن جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ ساقچىغا تەسلىم بولدى. 26 ياشلىق ھۇجۇمچىنىڭ مېيىپلار پاراۋانلىق ئورنىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.
ئالاقىدار خادىملار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد دوللار ياردەم بېرىدۇ.
ئافغانىستاندا ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى
ئافغانىستاننىڭ غور ۋىلايىتىدە بىر ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان دەريا قىرغىقىغا چۈشۈپ كەتتى.