خىتايدا خەۋەر تور بەتلىرى دۆلەت كونتروللۇقىغا ئۆتتى

خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن خەۋەر تور بەتلىرى دۆلەتنىڭ تەستىقى بولماي تۇرۇپ خەۋەر ئېلان قىلالمايدۇ.

537979
خىتايدا خەۋەر تور بەتلىرى دۆلەت كونتروللۇقىغا ئۆتتى

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر گېزىتتە خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتايدا  خەۋەر تور بەتلىرى پۈتۈنلەي دۆلەت كونتروللۇقىغا ئۆتكەن.

خىتايدىكى چوڭ خەۋەر تور بەتلىرىنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تەستىقى بولماي تۇرۇپ خەۋەر ئېلان قىلىشى چەكلەنگەن.  

بۇنىڭدىن كېيىن خەۋەر ئېلان قىلىدىغان بۇ شىركەتلەرنىڭ تور بەتلىرىدە دۆلەتنىڭ نازارىتىدىن ئۆتكەن خەۋەرلەرلا ئېلان قىلىنىدىكەن.  

خىتايدا ئىنتېرنېت خىزمەتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ سىبەر ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىنى ئېلان قىلدى.

Bloombergئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر بەلگىلىمە دەسلەپ سىنا گۇرۇھى، Tencentگۇرۇھى، Sohu.com شىركىتى ۋە NetEaseغا ئوخشاش چوڭ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

24-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى خىتاي سىبەر ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىدە، بۇ شىركەتلەر بەزى خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ ئىنتېرنېت ئىشلىتىش قائىدە-پىرىنسپىلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلگەن.  

ئىلگىرى خىتاي سىبەر شىركىتى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت شىركىتى Tencentنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ، شىركەتلەر دۆلەتنىڭ تەستىقى ئالماي تۇرۇپ خەۋەر ئېلان قىلالمايدۇ.

بۇ يېڭى رادىكال بەلگىلىمەنىڭ تەقەززاسى بويىچە،  ئالاقىدار ئورۇن ۋە مەسئۇللار ئىنتېرنېت ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تارقىتىلىدىغان خەۋەرلەرنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.  ئىلگىرىمۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مېدىيانىڭ ھاكىمىيەتتىكى كوممىنىست پارتىيەنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر