ئامېرىكىدىكى تۈركلەر فەتھۇللاھ گۈلەنگە قارشى ئىزچىل نامايىش ئۆتكۈزمەكتە

ئامېرىكىدىكى تۈركلەر فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ پېنسىلۋانيا شەھىرىدىكى قونالغۇسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

537092
ئامېرىكىدىكى تۈركلەر فەتھۇللاھ گۈلەنگە قارشى ئىزچىل نامايىش ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇل كېچىدە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە بولغان نارازىلىقلار داۋاملاشماقتا.

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان تۈركلەر فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ پېنسىلۋانيادىكى قونالغۇسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە.

بوستون شەھىرىدىمۇ تۈرك بايراقلىرى بىلەن كوچىلارغا چىقىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن مىڭدەك كىشى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.  

«تۈركىيە بىلەن بىر سەپتىمىز»، «ئوباما گۈلەننى چىگرىدىن قوغلاپ چىقارغىن»دېگەن مەزمۇندىكى لوزۇنكىلار ئېلىپ مېڭلىغان نامايىشتا «خائىنلار مىللەتكە ھېساب بېرىدۇ، يا ئىستىقلال يا ئۆلۈم، بۈيۈك تۈركىيە، بۈيۈك كۈچ، نىشان 2023»دېگەن شوئارلار توۋلاندى.

نامايىشلار ئەسناسىدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدە شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى، ئارقىدىن ھۆرمەت بىلدۈرۈلۈپ ئىستىقلال مارشى ئوقۇلدى.

نامايىشقا قاتناشقلار ئىچىدە تۈركىيەنىڭ بوستوندا تۇرۇشلۇق باش كونسولى ئۆمۈر بۇداكمۇ بار بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىمقى نامايىشقا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە نۇرغۇن تۈركنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

باش كونسول بۇداك پۈتكۈل ئىجتىمائىي قاتلاملارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلغانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى. نامايىشقا سومالى، لىۋىيە ۋە باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تۈرك بايراقلىرى بىلەن قاتناشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر