گېرمانىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 9 كىشى قازا قىلدى

گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 9 كىشى قازا قىلدى.

535688
گېرمانىيەدە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 9 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قوراللىق زوراۋاننىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدىكى بىر سودا سارايغا ۋە يان تەرەپتىكى كوچىلاردىكى ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە 9 كىشى قازا قىلدى، 3 ى ئېغىر 16 كىشى يارىلاندى.

ۋەقەدىن كېيىن زوراۋان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.

ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زوراۋان تېگى ئىرانلىق 18 ياشلىق گېرمانىيە پۇقراسى بولۇپ، زوراۋان ھۇجۇمنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان.

ۋەقەدىن كېيىن ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرى خىزمەتتىن توختىدى، شەھەردىكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، ئاشخانا – چايخانىلار ۋە شەھەر ئەتراپىدىكى دۆلەتلىك چوڭ يوللار تاقالدى.

مىيۇنخېن ساقچىلىرى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

ۋەقەنى تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ساقچىلار ئەتىگەن تەرەپلەردە بىر بىنانى ئاختۇردى، ئەمما ئاختۇرۇش سەۋەبىنى بىلدۈرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر