سەئۇدى ئەرەبىستان تۈركىيەنىڭ كۇۋەيتتە تۇرۇشلۇق ھەربىي دىپلوماتىنى قېچىش يولىدا قولغا چۈشۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، تۈركىيەنىڭ كۇۋەيتتە تۇرۇشلۇق ھەربىي دىپلوماتى مىكائىل گۈللۈنى قېچىش يولىدا قولغا چۈشۈردى.

531662
سەئۇدى ئەرەبىستان تۈركىيەنىڭ كۇۋەيتتە تۇرۇشلۇق ھەربىي دىپلوماتىنى قېچىش يولىدا  قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ كۇۋەيتتە تۇرۇشلۇق ھەربىي دىپلوماتى مىكائىل گۈللۈ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن ياۋروپاغا قېچىش يولىدا قولغا چۈشۈرۈلدى.

ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ماشىنا ۋە خىمىيە سانائىتى ئورگىنىغا باش مۇدىر قىلىپ تەيىنلەشنى پىلانلاۋاتقان مىكائىل گۈللۈ، كۇۋەيتتىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دەممام شەھىرىدىكى پادىشاھ فەھد ئايرۇدۇرۇمى ئارقىلىق ياۋروپاغا قېچىشقا ئورۇنۇۋاتقان ئەسنادا سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

گۈللۈنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر